Sanda Bar (相爱于你) / 歌手:AbdullaAbdurehim阿不都拉

作词 : Alahidin Abduraxid
作曲 : Dilyar Wahap
编曲 : Dilyar Wahap
«سەندە بار»
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
سۆزى: ئالاھىدىن ئابدۇرەشىد
مۇزىكىسى: دىليار ۋاھاپ
ئاكوردلاشتۇرغۇچى: دىليار ۋاھاپ
ئۈن ئالغۇچى: مەردان ئابلىكىم
ئۈنۈملىگۈچى: ئايبات
پەرى نەدۇر، پەيكەر نەدۇر
ۋىسال سەندە بار
ئاسمانسىزمۇ ئاي چەشمىسى
ھىلال سەندە بار
ئاسمانسىزمۇ ئاي چەشمىسى
ھىلال سەندە بار
مۇزىكا
يۇلتۇز كۆزۈڭ، ئايدەك يۈزۈڭ
سەرسان كىچەمدە
ئاشىق قۇياش قويارغا باش
قارال سەندە بار
كۆزۈم سەندە، سۆزۈم سەندە
مۈشكۈلدە ھالىم
چۆلدە بارخان، سىرى پنھان
سوئال سەندە بار
مۇزىكا
ئوتتا ئاقتىم، چاقماق چاقتىم
قەھرىمدە گۈلخان
كۆيدۈرگىدەك، ئۆلتۈرگىدەك
خىيال سەندە بار
مەجنۇن ئىدىم، لەيلى دىدىم
تىلىم قاراڭغۇ
كۆردۈم سەھەر سېنى دىلبەر
ۋىسال سەندە بار
كۆردۈم سەھەر سېنى دىلبەر
ۋىسال سەندە بار
——
『阿不都拉工作室』出品
编词:ALM灬阿帅
翻译:木合塔尔·库尔班