首页 >> 歌词 >> Axikana : 相约 >>2023-12-19

Axikana : 相约 / 歌手:EkberEhmetZiba

作词 : Ekber Ehmet Ziba
作曲 : Ekber Ehmet Ziba
ئاشقانە
تىكىستى،مۇزىكىسى،ئاكورتلاشتۇرغۇچى:ئەكبەر ئەخمەت زىبا
ئىجرا قىلغۇچى:ئەكبەر ئەخمەت زىبا
تىكىسىت كىرگۈزگۈچى:ئابدۇراخمان
ئالماسنى ئۇۋاپ چېچىۋەتكەندەك،
دەريا يۈزىدە چاقنار ئاينىڭ شولىسى.
دىدارىڭنى كۆرىمەن ئاينىڭ يۈزىدە،
ھەمراھ ئىككىمىزگە گىتتارىمنىڭ تارىسى.
دىدارىڭنى كۆرىمەن ئاينىڭ يۈزىدە،
ھەمراھ ئىككىمىزگە گىتتارىمنىڭ تارىسى.
مەجنۇنغا ئۇرۇلۇپ مەيىن شامالمۇ،
ئالدايتى كۆزۈمنى سىنى ئىزدىتىپ.
سىنى سىغىنغان ئامرىقىم شۇ ئايدىڭ كىچە،
زىننەتلەپ ناخشامنى توختىمايدۇ ھەل بىرىپ.
سىنى سىغىنغان ئامرىقىم شۇ ئايدىڭ كىچە،
زىننەتلەپ ناخشامنى توختىمايدۇ ھەل بىرىپ.
∮مۇزىكا∮
تۆكۈلدى شارىلداپ پەلەكتىن يامغۇر،
ئاي يۈزىدە كۆرۈنگەن ھۆسنىڭنى ئىتىپ.
تۆكۈلدى شارىلداپ پەلەكتىن يامغۇر،
ئاي يۈزىدە كۆرۈنگەن ھۆسنىڭنى ئىتىپ.
بىر تاتلىق كۈلگىنىڭ قىيا كۆرۈنۈر،
تەنلىرىم ئوتۇڭدا كىتىدۇ ئىرىپ.
بىر تاتلىق كۈلگىنىڭ قىيا كۆرۈنۈر،
تەنلىرىم ئوتۇڭدا كىتىدۇ ئىرىپ.
تەنلىرىم ئوتۇڭدا كىتىدۇ ئىرىپ.